mixiユーザー(id:4272592)

2019年11月13日00:12

19 view

むかい だいすさんより

むかい だいすさんより

毎年の11月12日は東トルキスタン共和国の独立記念日である。この日は、東トルキスタンの民が侵略者に決して屈しない魂の持ち主であることの証である。
今日は、1933年11月12日に建立した「東トルキスタンイスラーム共和国」について知っていただきたい。
جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىزغا مۇبارەك بۇلسۇن.ئەجداتلىرىمىز قۇرغان بىرىنچى مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىمىز توغرىلىق يېزىلغان ياپونىيە مۇتەخەسىسى سېكىئوكا ھىدېيۇكى ئەپەندىمنىڭ يازمىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن.
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى
1933-يىلى 12- نويابىر، ئۇيغۇرلار قەشقەردە مۇستەقىل شەرقىي تۇركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى تەنتەنىلىك ھالدا ئىلان قىلىپ، ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆكتە لەپىلدەتتى خوجانىيازھاجى پرېزىدېنت، سابىت داموللا باش مىنىستىرلىققا سايلاندى .ھۆكۈمەت ئاساسىي قانۇنىنى ئىلان قىلدى، ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىپ، شەرىئەت تۈزۈمىنى يولغا قويدى، دۆلەت پۇلىنى تارقاتتى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن خوتەن ئىسلام خانلىقى بىرنەچچە ئاي ئىچىدە پارچىلىنىپ، قىسقا ۋاقىتلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلار قۇرغان بۇ مۇستەقىل دۆلەتنىڭ تارىختا قالدۇرغان تەسىرىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئېتىراپ قىلغان ھۆجەتلىرىدىنمۇ كۆرۈۋالىغىلى بولىدۇ.
دۆلەت دىنىنى ئىسلام دىنى قىلىپ بېكىتكەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى سەئۇدىي ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن پەقەت بىر يىللا كىيىن بولۇپ،1947-يىلى قۇرۇلغان پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، 1979-يىلى قۇرۇلغان ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەردىن خېلىلا بۇرۇن ئىدى.
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى ئىسلام دۆلىتى سۈپىتىدە دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھىساپلىنىدۇ. بۇ ئىسلام دۇنياسىدىمۇ ۋە دۇنيا تارىخىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.
「東トルキスタン・イスラーム共和国」
1933年11月12日に建立した「東トルキスタン・イスラーム共和国」は、カシュガルでイスラム共和国の建立を宣言し、ホジャ・二ャーズが大統領、サービトー・ダーモッラー総理大臣に主任した。新政府は憲法を発布しイスラームを国教とし、シャリーアを基本法と定め、独自の通貨を発行した。
東トルキスタン・イスラーム共和国は軍事的な弱さと国としての未熟さの故に、一年足らずで崩壊したが、ウイグル人による独立国家の先駆けとなり、後世に与えた影響は極めて甚大であったことは中国共産党の文献も認めている。
また憲法でイスラームを国教と定めた東トルキスタンイスラーム共和国の建国は、サウジアラビア王国の建国に遅れることわずか一年、そして1947年のパキスタン・イスラーム共和国と1979年のイラン・イスラーム共和国の建国よりもはるかに先行し、共和制イスラーム国家としては世界最初の政権であり、イスラーム世界全体にとっても世界史意義があるのではないかと思われる。関岡英之著「帝国陸軍知られざる地政学戦略引き算見果てぬ「防共回廊」』祥伝社 (P219〜
4 0

コメント

mixiユーザー

ログインしてコメントを確認・投稿する